رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنى چاقىردى

ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېبورا بروننېر قارا دېڭىز فلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

1901807
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنى چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېبورا بروننېر رۇسىيە ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئۇكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ سىۋاستوپول رايونىدا، قارا دېڭىز فلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

بىر توپ ئامما رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ كىرىش قىسمىدا، ئەتىگەندە (3-نويابىر) يېتىپ كەلگەن باش ئەلچى بروننېرغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بروننېر «ئەنگلىيە تېررورىست دۆلەت» دېگەن لوزۇنكىلار بىلەن قارشى ئېلىندى. مىنىستىرلىق بىناسىدا يېرىم سائەت تۇرغان بروننېر، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەيلا بىنادىن چىقىپ كەتتى.

تۈنۈگۈن (2-نويابىر) رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا 29-ئۆكتەبىر (2022) ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ سىۋاستوپولدا قارا دېڭىز فلوتىنىڭ پاراخوتلىرىغا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە ئۇچقۇلار ھەمدە دېڭىز ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ: «كىيېۋنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئەنگلىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلىندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەنگلىيە باش ئەلچىسى پات ئارىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىدۇ» دېگەن ئىدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر