فىلىپپىندا يۈز بەرگەن تەبئىي ئاپەتلەردە 47 ئادەم قازا قىلدى
فىلىپپىندىكى شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە كەم دېگەندە 47 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن دائىرىلىرى، ماگۇيىنداناۋ شەھىرىنىڭ ئۈچ بازىرىدا تۈنۈگۈنگىچە داۋاملاشقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە كەم دېگەندە 42 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بۈگۈن ئەتىگەن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى كامارىنىس سۇر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى — نالگائېدا بەش كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە، ماگۇيىنداناۋنىڭ داتۇ ئودىن سىنسۇئات بازىرىدىكى بىر يېزىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە نەچچە ئۆي ۋە 60 قا يېقىن ئادەمنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى؛ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلارنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.