شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى: ئەردوغان بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك باياننامىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1898242
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى: ئەردوغان بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلف كىرىستېرسون، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پات يېقىندا ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن، ھۆكۈمىتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك باياننامىگە ئەمەل قىلىدۇ.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن  شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسوننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – شىۋېتسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلف كىرىستېرسوننى تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇنى پايتەخت ئەنقەرەدە كۈتۈۋېلىشتىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان،  ئۈچ تەرەپلىك باياننامىنىڭ كېلەچەك باسقۇچ جەھەتتىن يول كۆرسەتكۈچ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئەردوغان يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر