ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

1895571
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە رەھبەرلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىكى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ ئىران ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى جازا تىزىملىكىگە ئۈچ ئىرانلىق بىلەن بىر ئىران ئورگىنى كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئالدىنقى قېتىم جازا يۈرگۈزۈلگەن تۆت ئىران شىركىتىنىڭ جازا مۇددىتى ئۇزارتىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىرى مال - مۈلۈكنى توڭلىتىش، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش چەكلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ جازا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەسىمىي گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر