ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر، ۋاشىنگتوننىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1894347
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر، ۋاشىنگتوننىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنانى زۆرۈر بولغان مۇداپىئە ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارىن ژان پيېر ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ ھۇجۇملار رۇسىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىناغا مۇداپىئە ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زېلېنسكىينىڭ «رۇسىيە ئىراندا ئىشلەنگەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىشلەتكەنلىكى» توغرىسىدىكى سۆزىگە باھا  بەرگەن باياناتچى ژان پيېر، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئىران ۋە رۇسىيەگە قورال سودىسى سەۋەبلىك جازا يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىراننىڭ رۇسىيەگە قورال سېتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئىراندا ياسالغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ۋە ھەربىي نىشانلارغا قارشى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاقساراي باياناتچىسى: «كىيېۋ شەھەر مەركىزىگە قىلىنغان ئىران ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر بار، ئەمما، تېھران بۇ ھەقتە يالغان ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر