رۇسىيە ئارمىيىەسى تۈنۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ئارمىيىەسىنىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 10-ئۆكتەبىر) ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 19 غا ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 105 كە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا جىددىي قۇتقۇزۇش ئىدارىسى پايتەخت كىيېۋ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ھۇجۇم سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە لىۋىۋ قاتارلىق رايونلارنىمۇ قوشقاندا جەمئىي 301 ئولتۇراق رايونغا توك يەتكۈزگىلى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 19 غا ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 105 كە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
رۇسىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن كىيېۋ، لىۋىۋ ۋە دنىپرو قاتارلىق ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا، راكېتا ۋە كامىزاكې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.