ئامېرىكا: ئىرانلىق ئىككى مىنىستىرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراندىكى نامايىشلار ئەسناسىدا نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ۋاھىدى بىلەن ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئېيسا زارېپورغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1889971
ئامېرىكا: ئىرانلىق ئىككى مىنىستىرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراندا، 22 ياشلىق ماھسا ئامىنىنىڭ نامۇۋاپىق ھىجابلانغان دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشى تۈپەيلى تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلىش ۋە تورنى تاقاش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارى بولغان دائىرىلەرنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تاشقى مال - مۈلۈكلەرنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى (OFAC)  تەرىپىدىن، ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋاھىدى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى زارېپور قاتارلىق 7 ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك ئورگىنى ئەمەلدارىنىڭ  «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر