رۇسىيە فىرانسىيەنى ئۇكرائىنا توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە، فىرانسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پيېر لېۋىنى چاقىرتىپ، پارىژنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھەربىي تېخنىكا ياردىمى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1889685
رۇسىيە فىرانسىيەنى ئۇكرائىنا توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىققا چاقىرىلغان فىرانسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لېۋىنىڭ رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر گرۇشكو بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۇقتۇردى.

گرۇشكونىڭ ئۇچرىشىشتا، فىرانسىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى توغرىسىدا توختالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «رۇسىيە تەرەپ، كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش پىروگراممىلىرىنىڭ كۆپىيىشى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قەدەمنىڭ، پارىژ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە زىت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنلىرىنىڭ كېچىكتۈرمەسلىكى ۋە رۇسىيە ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنلارغا قاتنىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەندى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر