ئامېرىكا ياپونىيە ۋە كورېيە بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارشى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئايرىم-ئايرىم بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى.

1888669
ئامېرىكا ياپونىيە ۋە كورېيە بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون باياناتچىسى پاترىك رىيدېر (PatrickRyder) كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ۋە ئېتىلغان بومبىلارنىڭ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا بۇ ھەرىكەتلەرنى ئەيىبلەيدۇ ۋە شىمالىي كورېيەنى مۇقىملىققا كۆپ زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەر، شۇنداقلا قانۇنسىز پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

ئۇ پىيوڭياڭنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىقىغا جاۋاب سۈپىتىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بىلەن ياپونىيە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى؛ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى بىلەنمۇ غەربىي دېڭىز تەرەپتە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:

«بۇلارغا قوشۇمچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ھەمدە جەنۇبىي كورېيەنىڭ مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى. مىنىستىرلار تۈنۈگۈنكى (4-ئۆكتەبىر) باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، رايون تىنچلىقى ھەمدە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلدى. مىنىستىر ئوستىن مەنسەپداشلىرىغا، ئامېرىكانىڭ ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەنى قوغداش ئىرادەسىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

ئۇ رايوندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مانېۋىرلارنىڭ ھەيۋە قىلىش ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «مەزكۇر مانېۋىرلار بىرلىكتە سىجىل خىزمەت قىلىش، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ شىمالىي كورېيەگە، ئامېرىكانىڭ ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى سىگنالىنى بېرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر