پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى ئىگىلىۋېلىش توغرىسىدىكى قانۇنلارنى ئىمزالىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپوروژيا رايونلىرىنىڭ قوشۇۋېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئىمزالىدى.

1888681
پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى ئىگىلىۋېلىش توغرىسىدىكى قانۇنلارنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپوروژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئىمزالىغانلىقىنى، بۇ قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەزكۇر رايونلاردا ياشايدىغان ئاھالىنىڭ رۇسىيە پۇقراسى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن قارارنامەلەرنى ماقۇللاپ، مەزكۇر رايونلارغا ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت ۋە ۋالىيلارنى تەيىنلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان مەزكۇر قانۇنلار 10 كۈندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپوروژيا رايونلىرىنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى 30 – سېنتەبىردە ئىمزالىغانىدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى —  دۇما، مەزكۇر تۆت رايوننىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى 3-ئۆكتەبىر قوبۇل قىلغان، پارلامېنتنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان فېدېراتسىيە كېڭىشى تۈنۈگۈن قانۇنلارنى تەستىقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر