ئامېرىكا بىلەن ئىران مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ۋە توسۇلۇپ قالغان پۇللارنى قويۇۋېتىش توغرىسىدا كېلىشتى

ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۆت مەھبۇسنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئىراننىڭ جازا سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قالغان پۇللىرىنى قويۇۋېتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

1888339
ئامېرىكا بىلەن ئىران مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ۋە توسۇلۇپ قالغان پۇللارنى قويۇۋېتىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك بىخەتەرلىك كېڭىشىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان يېرىم رەسمىي نۇر خەۋەرلىرى تور بېتى، ئىران بىلەن ئامېرىكانىڭ مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىراندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت مەھبۇس بىلەن ئامېرىكادا قاماقتا يېتىۋاتقان تۆت مەھبۇسنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىراننىڭ جازا سەۋەبىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەردە توسۇلۇپ قالغان پۇللىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىراننىڭ جازا سەۋەبىدىن كورىيەدە توسۇلۇپ قالغان پوللىرىنى رايوندىكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ بانكا ھېساباتىغا يۆتكەش قارار قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، پۇلنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ بانكا ھېساباتىغا سېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى جازا سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قالغان پۇللارنى قويۇۋېتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قايسى دۆلەتتىكى بانكىغا قويۇلىدىغانلىقى قارار قىلىنمىغانىدى.

ئىران مەركىزى بانكىسى باشلىقى ئەلى سالىھ ئابادى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى سايىسىدا يەتتە مىليارد دوللار پۇلنىڭ قويۇۋېتىلىشى توغرىسىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە خۇش خەۋەر بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر