«شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا تەيييارلانماقتا»

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدىن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1883949
«شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا تەيييارلانماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق سېلىۋاتقان تەھدىتلىرى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە  سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى، بۈگۈن ئەتىگەن، شىمالىي كورېيەنىڭ، شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى بىر سۇ ئاستى پاراخوتىدىن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يونخاپ  ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بىر جەنۇبىي كورېيە ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي كورېيە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.».

بۇ تەييارلىقنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىياماتكىسى «رونالد رېگان» نىڭ، بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي مانېۋىرى ئۈچۈن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىگە لەڭگەر تاشلىشىدىن كېيىن بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتتە، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر يەتتىنچى قېتىم ۋە  2017-يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرى كۈچەيمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر