رۇسىيە ئۇرۇشتا نېمىگە ئېرىشتى؟

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك: «ئۇكرائىنانى يوقاتماقچى بولغان رۇسلار، سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىش، چېگرانى تاقاش ۋە بانكا ھېساباتىنىڭ توڭلىتىلىشى قاتارلىق ئۈچ نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى» دېدى.

1882825
رۇسىيە ئۇرۇشتا نېمىگە ئېرىشتى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك تۋىتتېردا: «ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇشنىڭ 210-كۈنى. ئۇكرائىنانى يوقاتماقچى بولغان رۇسلار ئاخىرىدا مۇنۇلارنى قولغا كەلتۈردى: 1-سەپەرۋەرلىك، 2-تاقالغان چېگرالار، 3-بانكا ھېساباتلىرىنىڭ توڭلىتىلىشى، 4-ئەسكەرلىكتىن قاچقانلارنىڭ تۈرمىگە سولىنىشى، 4-خۇسۇسىي ھەربىي شىركەتلەر تەركىبىدە مەھبۇسلاردىن تەشكىللەنگەن قىسىملار. پىلان بويىچە كېتىۋاتىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھاياتنىڭ يۇمۇرىستىك قارىشى بار» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر