لۇكاشېنكو ئارمىيەنى ئۇرۇش مەزگىلى ئۆلچىمى بويىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە بۇيرىدى

بېلورۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ئارمىيەنىڭ بەزى قىسىملىرىنى ئۇرۇش مەزگىلى ئۆلچىمى بويىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە بۇيرۇدى.

1882681
لۇكاشېنكو ئارمىيەنى ئۇرۇش مەزگىلى ئۆلچىمى بويىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشكە بۇيرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالېكساندىر لۇكاشېنكو دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئالېكساندىر ۋولفوۋىچ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، رۇسىيە بىلەن مۇداپىئە رايونى قۇرغانلىقىنى ۋە ئەسلىدە ئىككى دۆلەتنىڭ «ئەمەلىي بىرلەشمە قوراللىق قىسىمى» بارلىقىنى ئېيتتى.

لۇكاشېنكو بېلورۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆزىنى قانداق قوغداشنى، ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىشى لازىمقىنى تەكىتلەپ، «ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىما قىلىپ، بىزنى ئەيىبلەشكە كېرەك يوق. بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. رۇسىيەنى قوللاشقا كەلسەك، يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، بېلورۇسىيە ئارقىلىق روسىيە ئەسكەرلىرىگە ئارقىسىدىن، ياندىن ياكى ھەرقانداق قاناتتىن ھېچ بىر ھۇجۇم بولماسلىقى لازىم ۋە بولمايدۇ.  بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىزغا قارىتا مەجبۇرىيەتلىرىمىز بار» دېدى.

بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي مەشىق مەسىلىسىدە ئاددىيلاشتۇرۇشقا ئۆتۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن لۇكاشېنكو: «ئەھۋال ئىنتايىن جىددى، مەن ھەتتا خەتەر دېيەلەيمەن ۋە ھېچقانداق ئەھۋالدا ئىشلارنى بوشىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ھېچنەرسىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بەزى ھەربىي قىسىملارنى ئۇرۇش مەزگىلى ئۆلچىمى بويىچە جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزىشىمىز لازىم. بۇ زۆرۈر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر