ئېفىيوپىيەدە يۈز بەرگەن ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ئېفىيوپىيەنىڭ تىگراي رايونىدا ئايرىم-ئايرىم يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى.
1879943
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكېللې شەھىرىگە جايلاشقان ئايدېر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، دوختۇر كىبروم گېبرېسلاسسى، بۈگۈن ئەتىگەن تىگراي رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى مېكېللېدە ئايرىم-ئايرىم ئىككى قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 10 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 ى ئېغىر بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.