ئۇكرائىنانىڭ زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئاكتىپ ھالدىكى ئەڭ ئاخىرقى رېئاكتور توختىتىلدى

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك يادرو ئېنېرگىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رايوندىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۇكرائىنا تورى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1878398
ئۇكرائىنانىڭ زاپورىجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئاكتىپ ھالدىكى ئەڭ ئاخىرقى رېئاكتور توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۇكرائىنا تورى بىلەن بولغان بىر ئۇلىنىشىنىڭ 11-سېنتەبىر كەچتە قايتا ئەسلىگە كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، «شۇنىڭ بىلەن ئىستانسىسىنى ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلىگىلى بولدى ھەمدە ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئاكتىپ ھالدىكى بىردىنبىر رېئاكتورنىڭ مەشغۇلاتىنى توختىتىپ، ئۇنى ئەڭ بىخەتەر <سوغۇق توختاش> ھالىتىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىندى» دېيىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زاپوروجيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ.  6 يادرو رېئاكتورى ۋە 5700 مېگاۋات سائەتلىك توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئۇكرائىنانىڭ ئومۇمىي توك ئېھتىياجىنىڭ 20 پىرسەنتىنى قامدايدۇ.

ئېلېكتر ئىستانسىسى 4 - مارتتا رۇسىيەنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ھازىرمۇ رۇسىيە ئارمىيىەسىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرىۋاتقان ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدا زەمبىرەك ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە بۇ ھۇجۇملار ھەققىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر