ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ياۋروپادا يېتەرلىك مىقداردا ئېنېرگىيە بولمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1877617
ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئوربان، بايانات ئېلان  قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرغىچە بۇ سىياسەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە رۇسىيەگە قارشى 11 مىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمەكتە، ئەمما ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. ھالبۇكى، رۇسلارنىڭ كۈچىنى خورىتىش تەشەببۇسلىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېمبارگولار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە پۇل پاخاللىقى ۋە ئېنېرگىيە قىسلىقى ياۋروپانى تىز چۆكتۈرۈشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، ۋېنگىرىيەدە ئېنېرگىيە قىيىنچىلىقى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ دۆلەتتە يېتەرلىك مىقداردا ھەم تەبىئىي گاز ھەمدە توك بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر