پۇتىن: «تۈركىيە بولمىغان بولسا، ئاشلىقلار ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ئەمەس، ياۋروپاغا كېتىپ قالاتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئاشلىق كارىدورى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئەگەر تۈركىيە مۇرەسسەچى بولمىغان بولسا،  بۇ ئاشلىقلار ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ئەمەس، ياۋروپاغا كېتىپ قالغان بولاتتى» دېدى.

1876906
پۇتىن: «تۈركىيە بولمىغان بولسا، ئاشلىقلار ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ئەمەس، ياۋروپاغا كېتىپ قالاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدىكى سۆزىدە، 22 - ئىيۇلدا (2022) تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك سۈپىتى بىلەن رەھبەرلىك قىلىشى سايىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى.

پۇتىن بۇ كېلىشىم بىلەن ئاشلىقنىڭ ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر تۈركىيە مۇرەسسەچى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇكرائىنادىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاشلىقنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگە ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كېتىپ قالغان بولاتتى» دېدى.

پۇتىن يەنە، ياۋروپانىڭ ئۆز قىممەت قاراشلىرىنى ئامېرىكا مۇستەبىتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن: «ئەتىيازدا نۇرغۇنلىغان چەت ئەل شىركەتلىرى دۆلىتىمىزگە ئەڭ كۆپ زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئويلاپ، رۇسىيەدىن چېكىنىدىغانلىقلىرىنى جاكارلاش مۇسابىقىسىغا چۈشۈشتى، ئەمما مانا ھازىر ياۋروپادىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ كەينى-كەينىدىن قانداق تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈىشى بولدى، ئەلۋەتتە. بۇ جەريانلارنى تېزلەتكىنى ئامېرىكانىڭ يەرشارى ئىقتىساد ۋە سىياسەتتىكى چۈشىنىكسىز ھۆكۈمدارلىقىدىن باشقا يەنە، غەرب سەرخىللىرىنىڭ ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى كۆرۈش ۋە تونۇشتا تەرسالىق قىلىشى، خالىماسلىقى ۋە ھەتتا  يېتەرسىزلىكى ئىدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر