ئۇكرائىنا ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شمىگال دۆلەتتىكى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسىنىنىڭ بىر قىسمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1876200
ئۇكرائىنا ياۋروپانى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شمىگال بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئۇكرائىنا شېرىكلىك كېڭىشى يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئېنېرگىيە بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەدىن قىلىنىۋاتقان گاز ئىمپورتىنىڭ مۇھىم قىسمىنى تەمىنلىيەلەيمىز. ھازىر تەبىئىي گاز ئىسكىلاتلىرىمىزدا 30 مىليارد كۇب مېتىر گاز بار. بۇنىڭ بىر قىسمىنى ياۋروپادىكى شېرىكلىرىمىزگە ئەۋەتىمىز» دېدى.

ياۋروپانىڭ تەخمىنەن 113 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز ئىسكىلاتلىرىدا 91.1 مىليارد كۇب مېتىر گاز بار بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى يىللىقى 400 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلىتىدۇ.

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شمىگال، «رۇسىيە <1-شىمالىي ئېقىم> تۇرۇبا لىنيەسىدىن گاز ئېقىتىشنى توختاتتى. بۇ ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «بۇ رۇسىيە يايماقچى بولغان گەپ-سۆزلەر. رۇسىيە ھازىر ياۋروپاغا قارشى گاز ۋە نېفىتتىن پايدىلىنىپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە كۆچ كىرىزىسى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، خاتا ئۇچۇر تارقىتىپ، تور ھۇجۇمى قىلىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنادا ئۇرۇشتىن چارچاش ھالى بار، ئەمما ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ ئالدىدا يالغۇز تاشلاپ قويۇش، رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالىدۇ. ياۋروپانىڭ بىردىنبىر قۇتۇلۇشى، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، G7 ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈن ياكى گاز تالونلىرى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئۇرۇشتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر