ئامېرىكا باسرا قۇلتۇقىدا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىنى توسۇپ قالدى

ئامېرىكا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىنىڭ باسرا قۇلتۇقىدا  ئامېرىكانىڭ 5-فىلوتىغا تەۋە ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ توسۇپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1873939
ئامېرىكا باسرا قۇلتۇقىدا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىنى توسۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىنىڭ فىلوتىغا تەۋە ياردەمچى پاراخوتىنىڭ 29 - ئاۋۋغۇستتىن 30 - ئاۋغۇستقىچە بولغان كېچىدە، باسرا قولتۇقىدىكى ئامېرىكانىڭ 5-فىلوتىغا تەۋە ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۇرۇنۇشى توسۇپ قىلىندى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى باش قوماندانى براد كۇپېرنىڭ «ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى پەسكەشلىكتۇر، يوللۇق كۆرگىلى بولمايدۇ، كەسپىي ئىقتىدارغا ئىگە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر