خىتايدا مىليونلىغان كىشى كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قاتتىق چەكلىمىلەرگە دۇچار قىلىندى

خىتاينىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە كۈنسېرى ئەۋج ئالغان يۇقۇملىنىشقا قارشى تەدبىرلەر قايتىدىن كۈچەيتىلدى.

1874213
خىتايدا مىليونلىغان كىشى كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قاتتىق چەكلىمىلەرگە دۇچار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا مىليونلىغان كىشى قاچانغىچە داۋاملىششى ئېنىقسىز بولغان قاتتىق چەكلىمىلەرگە دۇچار بولماقتا.

بۇ قېتىم گۇاڭجۇ شەھىرىدە يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەر كۈچەيتىلدى. 19 مىليون نوپۇسلۇق شەھەردە ئاران 5 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس بايقالغان رايونلاردا قاتتىق چەكلىمىلەر يولغا قويۇلدى.

شەھەردە يېپىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، رېستورانلار يىراقتىن مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىدى.

 گۇاڭجۇ شەھىرىدە يېڭى باشلانغان ئوقۇ - ئوقۇتۇش پەسلىمۇ كېچىكتۈرۈلۈپ، ئاپتوبۇس ۋە مېترو مۇلازىمىتى قىسقارتىلدى.

شېنجېن شەھىرىدە 9 مىليون كىشى ياشايدىغان رايوندا قىسمەن كارانتىنا يولغا قويۇلدى. شەھەردە يۇقۇملىنىش بايقالغان رايونلارغا توسۇقلار قۇرۇلدى.

پورت شەھىرى داليەندىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. شەھەردە 1يېرىم مىليون ئادەم ياشايدىغان رايوندا 5 كۈنلۈك ئومۇمىيۈزلۈك كارانتىنا يولغا قويۇلدى.

خىتاينىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا ئۇقتۇرۇلىشىچە، خىتايدا بايقالغان يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئاران 1675 كىشى بولۇپ، دۇنيا ئۆلچىمى بويىچە نورمال سان دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بۇ نورمال سانمۇ خىتاينىڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

خىتاينىڭ يۇقۇملىنىشنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى، دەپمۇ ئاتالغان ئىجرائاتلىرى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي زىياننى  تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا.

ئومۇمىيۈزلۈك كارانتىنا ۋە تاقىلىشلارنىڭ ئىقتىساد ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە كۆرسىتىۋاتقان ئېغىر تەسىرى، بۇ سىياسەتكە دائىر تالاش – تارتىشلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر