ئامېرىكا ئىراقتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى، ئىراقتىكى تەرەپلەرنى ۋەقەلەرنى تېزدىن تىنچلاندۇرۇپ، تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1873822
ئامېرىكا ئىراقتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىربى سىن يىغىنى سۇپىسى «زۇم»دا ئۆتكۈزگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى توقۇنۇشلارغا «بىئارام قىلغۇچى» دەپ باھا بېرىپ: «ھازىر جىددىيچىلىك ئەمەس، دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقتى. بىز زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىپ، تىنچ نامايىشچىلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، بۇ باسقۇچتا بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر