دونالد ترامپنىڭ فلورىدادىكى داچىسىدىن 184 مەخپىي ھۆججەت تېپىلدى

تىرامپنىڭ ئۆيىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ «ئىنسانلارنىڭ ئاخبارات مەنبەلىرىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان سەۋىيەدە»  ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1872945
دونالد ترامپنىڭ فلورىدادىكى داچىسىدىن 184 مەخپىي ھۆججەت تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 8 - ئاۋغۇستتا فلورىدادىكى مار-لاگو ناملىق داچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تەرىپىدىن تەييارلانغان قەسەملىك باياننامىدا، 184 مەخپىي ھۆججەتنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مار-لاگو داچىسىنى تەكشۈرۈش رۇخسىتى ئۈچۈن سوتچىقا يوللىغان 34 بەتلىك قەسەملىك بايانانمىسىنىڭ بەزى جايلىرى چىقىرىۋېتىلگەن شەكىلدە خەلقكە ئوچۇق ھەمبەھىرلەندى.

باياننامىدا، تىرامپنىڭ فلورىدادىكى داچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش جەريانىدا، 15 قۇتا ھۆججەتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇ قۇتۇلارنىڭ 14 ىدىن جەمئىي 184 مەخپىي ھۆججەتنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى باياناتىدا، تىرامپنىڭ ئۆيىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ «ئىنسانلارنىڭ ئاخبارات مەنبەلىرىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان سەۋىيەدە»  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا تىرامپنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI نىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ مار-لاگو داچىسىدىكى بىر ھوجرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېزىشقان سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

ترامپنىڭ مار-لاگو داچىسىغا 8-ئاۋغۇستتا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر