ئامېرىكا سۈرىيەدە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1872544
ئامېرىكا سۈرىيەدە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى  قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بازىمىزغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى ئەسكەرلىرى رايوندىكى ئىران قوللاۋاتقان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا AH-64 Apache تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى، AC-130 تىپلىق قوراللىق تىك ئۇچارلار ۋە M777 تىپلىق زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇملاردا دۈشمەننىڭ تۆت ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى، يەتتە راكېتامىيوت سۇپىسى يوقىتىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئالدىنقى كۈنى كەچتە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دەير ئەززور شەھىرىدىكى ئامېرىكانىڭ يېشىلكۆي ۋە كونوكو بازىلىرى راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئامېرىكا مەركىزى قىسىملار قوماندانلىقى، ھۇجۇمدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ يەڭگىل يارىلانغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ رايوندىكى ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر