زېلېنىسكىي ب د ت خ ك يىغىنىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆز قىلدى
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى بىر پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 15 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 50 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
1872130
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) يىغىنىدا سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆز قىلىپ، رۇسىيە قىسىملىرى ئاتقان راكېتامىيوتلارنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى چاپلىنې بازىرى پويىز ئىستانسىسىدىكى بىر پويىزغا تېگىپ، تۆت ۋاگونغا ئوت كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن: «(ھۇجۇمدا) 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 50 ئادەم يارىلاندى. بىز ھەر كۈنى مۇشۇنداق ياشايمىز. رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىغىنىغا مۇشۇنداق تەييارلىق قىلدى» دېدى.
رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.