ئامېرىكا: رۇسىيە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى «رەسمىيلەشتۈرۈش»كە تەييارلىنىۋاتىدۇ

ئامېرىكا، رۇسىيەنىڭ قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1872180
ئامېرىكا: رۇسىيە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى «رەسمىيلەشتۈرۈش»كە تەييارلىنىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24 – فېۋرال باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆزىگە «قوشۇۋېلىش پىلانى»نى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىدە ساختا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق. بۇ بېلەت تاشلاش پائالىيىتى تەييارلىقلىرى بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى بۇ ھەپتە ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاڭلىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىنىڭ قوشۇۋېلىنىشىنى قوبۇل قىلماسلىق مەسىلسىىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز رۇسىيەنىڭ بۇ بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىگە مۇداخىلە قىلىپ، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت يالغاننى ئېيتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز. بۇ خاتا ئۇچۇرغا دەرھال قارشى چىقىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەر قانداق بىر بايانات قەتئىي توغرا ئەمەس. يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ، ئۇكرائىنا خەلقى رۇسىيەگە قارشى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر