ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىران قوللاۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئىران قوللاۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

1871713
ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىران قوللاۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بۈگۈن سۈرىيەنىڭ دېيرىز زۇر شەھىرىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ 15-ئاۋغۇستتا (2022) ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ رايوندا ئامېرىكا خادىملىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئوخشاش ھۇجۇملاردىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا چېتىشلىق گۇرۇپپىلار پايدىلىنىۋاتقان ئۇل- ئەسلىھەلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى  قىلىنغانلىقى  ئەسكەرتىلدى، ئەمما ھاۋا ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر