ئەرمېنىيەدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى، 10 كىشىدىن خەۋەر يوق

ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى يېرېۋاندا ئالدىنقى كۈنى بىر سودا-ساراينىڭ ئېتىلغاق ساتىدىغان دۇكىنىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى.

1868465
ئەرمېنىيەدىكى پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16 گە يەتتى، 10 كىشىدىن خەۋەر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <Armenpress> گېزىتىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرمېنىيە جىددىي ھەلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھايك كوستانيان پارتىلاشتا قازا قىلغان 16 كىشىدىن 13 ىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېيتقان.

كوستانيان ئېنىقلانغانلارنىڭ ئىچىدە ھامىلدار ئايال ۋە بىر كىچىك بالىنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە يوقاپ كەتكەن 10 كىشىدىن تېخىچە خەۋەر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

14- - ئاۋغۇستتا سودا سارايدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك پارتلاشتىن كېيىن، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىنا خارابىلىكى ئاستىدا قالغان ئادەملەرنىڭ  بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلىك كرىزىسنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 10:05 دە، يېراۋاندىكى مېترو بېكەتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بومبا تەھدىتى ئۇچۇرى يېتىپ كەلدى.

ۋوگزالغا جىددىي ھەلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ K9 ئەترىتى ۋە بومبا بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتى ئەۋەتىلدى.

ئىزدەش مەشغۇلاتى تاماملانغۇچە بارلىق بېكەتلەرنىڭ تاقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر