پاكىستاندا قارا يامغۇر جانغا زامىن بولدى

پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل پالاكىتىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1867420
پاكىستاندا قارا يامغۇر جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ كېتتا شەھىرىدە قارا يامغۇر داۋاملىق يېغىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ خەيبەر-پاختونخۋا ئۆلكىسى بىلەن گىلگىت بالتىستان رايونى ئوتتۇرىسىدا، كەلكۈن سەۋەبىدىن قاتناش توختاپ قالغان.

دائىرىلەر، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە سىند ئۆلكىسىدە قارا يامغۇرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

سىند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدە، سەل پالاكىتى سەۋەبىدىن سۇ ئاستىدا قالغان يوللاردا ئاپتوموبىللار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر