ئۇكرائىنادىن يولغا چىقىشى پىلانلىنىۋاتقان ئىككى پاراخوتنىڭ سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى

ئۇكرائىنانىڭ چورنومورسكى پورتىدىن ئاشلىق بېسىپ بۈگۈن يولغا چىقىشى پىلانلىنىۋاتقان بىر پاراخوت، ناچار ھاۋا شارائىتى تۈپەيلى قوزغىلالمىدى.

1866460
ئۇكرائىنادىن يولغا چىقىشى پىلانلىنىۋاتقان ئىككى پاراخوتنىڭ سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن ئۇكرائىنانىڭ چورنومورسكى پورتىدىن ئاشلىق بېسىپ يولغا چىقىشى پىلانلىنىۋاتقان بىر پاراخوت، ناچار ھاۋا شارائىتى سەۋەبىدىن قوزغىلالمىدى. تۈنۈگۈن (ئىستانبۇلدا) تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى پاراخوت ئۇكرائىناغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى پاراخوتلارغا ئاشلىق بېسىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر