ئامېرىكادا پارتلاش يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىندىئانا ئىشتاتىنىڭ ئېۋانسۋىللې شەھىرىدىكى بىر ئۆيدە يۈز بەرگەن پارتىلاشتا ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

1866387
ئامېرىكادا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى مايك كوننېللىنىڭ ئېيتىشىچە، سەۋەبى تېخىچە ئېنىق بولمىغان پارتلاشتا تەخمىنەن 40 ئۆي  زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئۆيلەر بىخەتەر ئەمەس ئىكەن.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، پارتلاشتا 3 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پارتلاشتىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر