ناتو: رۇسىيە ئۇكرائىنادا غەلىبە قىلسا باشقا قوشنىلىرىغىمۇ تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غالىب كەلگەن تەقدىردە قوشنىسى بولغان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1863818
ناتو: رۇسىيە ئۇكرائىنادا غەلىبە قىلسا باشقا قوشنىلىرىغىمۇ تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، نورۋېگىيەدە ئىشچى پارتىيەسى «ئوتويا ئارىلى» ئۇيۇشتۇرغان يازلىق دالا پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلىدى.

نۇتىقىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق توختالغان ستولتېنبېرگ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقى بىزگە پايدىلىقتۇر. دەرۋەقە، پۇتىن ھەربىي كۈچ بىلەن ئېرىشمەكچى بولغان دۇنيا بىز ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بىر دۇنيا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلسا، پۇتىن زوراۋانلىقنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ. ئاندىن نۆۋەت رۇسىيەنىڭ باشقا قوشنىلىرىغا كېلىشى مۇمكىن.»

رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ توختىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم رايونلارنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان ستولتېنبېرگ، يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن شەرقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىتىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ  تېخىمۇ كۆپ بىرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا ئالاقىدار كېلىشىم لايىھەلىرىنى تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ سانى 23 گە يەتتى. كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي باسقۇچلىرىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ بولسا ھازىرغىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ زامانىۋى تارىخىدىكى ئەڭ  تېز ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر