رۇسىيە ئونلارچە ئەنگلىيە پۇقراسىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

موسكۋا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى دېيۋىد كامېروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1862366
رۇسىيە ئونلارچە ئەنگلىيە پۇقراسىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئاخبارات ساھەسىگە مەنسۇپ رۇسىيە پۇقرالىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە بۇ سەۋەبتىن، ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار، سودىگەرلەر ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان 39 كىشىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتنىڭ داۋامىدا، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى دېيۋىد كامېرون قاتارلىق جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 39 كىشىنىڭ ئىسىملىرىغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر