ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى تۈركىيەگە كېلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل باش كاتىپى جويس مسۇيا 25-ئىيۇل تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1858485
ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مسۇيانىڭ 25 – ئىيۇلدىن 29 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، ئىئانە قىلغۇچىلار، تۈركىيە ئەمەلدارلىرى، ب د ت ئورگانلىرى ھەمدە يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «11 يىللىق توقۇنۇشتىن كېيىن، كۆپ سانلىقى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 2 مىليون 800 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار بولۇپ، جەمئىي 4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا، تۈركىيە چېگراسىدا قاپسىلىپ قالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ھەمدە ئۆتكەن يىلى ھەر ئايدا تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ چېگرا ھالقىغان ياردەم بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر