ئامېرىكا: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى خەلقئارا بازارغا يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1857116
ئامېرىكا: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ئىشلىرى دېرىكتورى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

كىربى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئۈچ تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئىراندىكى سۆھبەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىز تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاشلىق ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.

ئۇ، ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى خەلقئارا بازارغا يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەلۋەتتە ئەردوغان ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىنى قارشى ئالىمىز. پىرېزىدېنت (جو بايدىن)مۇ بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى. ئەردوغان ئاشلىق ئېكسپورتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تىرىشماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر