ئامېرىكا سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكا سومالىنىڭ تۆۋەنكى جۇبا رايونىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ 2 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇردى.

1856714
ئامېرىكا سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافرىقادا تۇرۇشلۇق قوماندانلىق ئورگىنى (AFRICOM) نىڭ يازما باياناتىدا، سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششابابقا تەۋە جايلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى ۋە تەشكىلاتنىڭ 2 ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەرىكەتتە پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى ۋە سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەششابابقا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر