ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، نارا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلاندى.

1853489
ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى (NHK) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابې شىنزو،  نارا شەھىرىدە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دالا پائالىيىتىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا كۆكرىكىگە ئوق تېگىپ، ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە قىسمىنىڭ سابىق ئەزاسى، ياماگامى تېتسۇيانىڭ 41 ياشلىق زوراۋان ئەر، نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن قورالى بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشكەن.

2012-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئابې شىنزو، ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن باش ۋەزىر بولغانىدى.

ئابې شىنزو، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر