ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنسىتىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋاللېس ئەتە تۈركىيەگە كېلىپ رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1846980
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنسىتىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدىغان ۋاللېس، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ قارشى ئېلىنىدۇ؛ ۋاللېس بىلەن ئاقار ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىن جەريانىدا، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشى كۈتۈلمەكتە.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاللېس 15-ئىيۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەن، ئۇچرىشىشقا ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوفنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر