سىرى لانكادا پىرېزىدېنتلىق بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى توسۇۋالغان 21 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

سىرى لانكادا ئىقتىسادنىڭ ياخشى باشقۇرالمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان ۋە پىرېزىدېنت گوتابايا راجاپاكسانىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، پىرېزىدېنتلىق بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى توسۇۋالغان 21 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1846192
سىرى لانكادا پىرېزىدېنتلىق بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى توسۇۋالغان 21 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Colombopage» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساقچىلار پىرېزىدېنتلىق بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىغا تۇتىشىدىغان ئىككى نۇقتىنى توسۇۋالغان ناميىشچىلارنى تاقىتىۋەتمەكچى بولغان.

سىرى لانكا ساقچىلىرى 4 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 21 نامايىشچىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئېلىنغاندىن كېيىن سوتقا يوللىنىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى (IMF) ھەيئىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىغا پىلانلانغان زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، رايوننى نامايىشچىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىقتىسادىي كىرىزىسقا قارىتا پىرېزىدېنت راجاپاقسا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىگەن نامايىشچىلار، 9-دېكابىردىن (2022) بۇيان پىرېزىدېنتلىق بىناسىغا يېقىن جايدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

قەرز كېلىشىمى ئۈچۈن سىرى لانكاغا كەلگەن خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى (IMF) ھەيئىتىنىڭ 10 كۈنگىچە  سىرى لانكادا ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى (IMF) دىن  4-5 مىليارد دوللار قەرز ياردەم ئېلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان سىرى لانكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا پۇل فوندى جەمئىيىتى بىلەن تۇنجى سۆھبەتنى ئاپرېلدا (2022) باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر