پ ك ك تەرەپدارلىرى شىۋېتسىيەدە نامايىش ئۆتكۈزدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى شىۋېتسىيەنىڭ گوتېنبورگ شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
1846303
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەر ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرى شىۋېتسىيەنىڭ گوتېنبورگ شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.
نۆۋەتتە، تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلماقتا. ي پ گ بولسا، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى تەرىقىسىدە بىلىنمەكتە.