ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 33 مىڭ 800 گە يەتتى

ئۇكرائىنا 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 33 مىڭ 800 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1845798
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 33 مىڭ 800 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، 216 ئايروپىلان، 181 تىك ئۇچار، 1477 تانكا، 3 مىڭ 888 برونېۋىك، 749 زەمبىرەك، 130 باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 238 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، 98 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 2 مىڭ 527 ئاپتوموبىل، 14 پاراخوت ۋە قوراللىق تېز سۈرئەتلىك كېمە ھەمدە 601 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 25-مارتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، ئۇكرائىنادا 1335 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، دونېتسىك يۆنىلىشىدىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ سېۋېرودونېتسىك ۋە بەھمۇت شەھەرلىرىنىڭ چېگراسىغا مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇملارنىڭ ئاساسەن ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئۇرۇش سېۋېرودونېتسك شەھىرىنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا» دېيىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خاركىۋ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، 5 دېڭىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن تەييار تۇرىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر