مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

قوراللىق ئۇنسۇرلار مېكسىكانىڭ شىمالىغا جايلاشقان چىخۇاخۇا شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا ھۇجۇم قىلدى.

1844708
مېكسىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ئۇنسۇرلار مېكسىكانىڭ شىمالىغا جايلاشقان چىخۇاخۇا شەھىرىدىكى بىر رېستورانغا بېسىپ كىرىپ، ئىككى نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي تۆت ئادەمنى ئۆلتۈردى، بىر ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇردى.

مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ۋەقەنى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان يەتتە كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مېكسىكا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمچىلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مېكسىكادا پات – پاتلا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ «ئۆزئارا ھېسابلىشىش»لارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغان بولۇش ئېھتىمالى باركەن ئىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر