بايدىن: ئامېرىكالىقلارنىڭ 6 - يانۋار يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن لوس ئانژېلېس پورتىدىكى سۆزى جەريانىدا «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى» ۋە «پۇل پاخاللىقى» توغرىسىدا توختالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن سۆزىنىڭ بېشىدا 2021 - يىلى 6 - يانۋاردىكى دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ: «بارلىق ئامېرىكالىقلارنىڭ 6 - يانۋار يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم» دېدى ۋە ئالدىراشچىلىقى تۈپەيلى ئاۋام پالاتاسى «6 – يانۋار ئالاھىدە كومىتېتى»دىكى يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، 6 - يانۋارغا «تارىخىمىزنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنىڭ بىرى» دەپ باھا بېرىپ: «بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ 6 - يانۋاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىشى ناھايىتى مۇھىم. ئۇلار يەنە، 6 - يانۋارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ھازىرمۇ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.
ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان بايدىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ (24 - فېۋرالدا) ئۇكرائىناغا جەڭ ئېلان قىلىشىنى ئەيىبلىدى.