ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ گېرمانىيە ۋە رۇمېنىيە زىيارەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بەلباغسىمان قاپارتما كېسەللىكى سەۋەبىدىن گېرمانىيە ۋە رۇمېنىيەگە قارىتىشنى پىلانلاۋاتقان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1840656
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ گېرمانىيە ۋە رۇمېنىيە زىيارەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتونىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېنس ستولتېنبېرگ بۈگۈنكى گېرمانىيە ۋە ئەتىكى رۇمېنىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

بىر مەزگىل ئۆيىدە تۇرۇپ ئىشلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ستولتېنبېرگ پىلانلانغان پىروگراممىلارغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە قاتنىشىدىكەن.

ناتو ئەمەلدارى باش كاتىپقا بەلباغسىمان قاپارتما دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ستولتېنبېرگ بۈگۈن (2022-يىلى 9-ئىيۇن) بېرلىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېخت بىلەن كۆرۈشۈشنى، ئەتە (10-ئىيۇن) رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 9 – نۆۋەتلىك بۇخارېست باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى پىلانلىماقتا ئىدى.

ستولتېنبېرگ ماينىڭ بېشىدا كوۋىد -19 ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر