زېلېنىسكىي ماكروننىڭ رۇسىيەنى «كەمسىتمەسلىك» توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ رۇسىيەنى «كەمسىتمەسلىك» توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1839385
زېلېنىسكىي ماكروننىڭ رۇسىيەنى «كەمسىتمەسلىك» توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي بايانات ئېلان قىلىپ، ماكروننىڭ غەربنى رۇسىيەگە «كەمسىتىش» روھى بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قارشى چىقتى.

ماكروننىڭ 2014- يىلىدىن بۇيان دونباستىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرەلمىگەن مىنسك مۇساپىسى دائىرىسىدە رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىكى تىنچلىق كېلىشىملىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن زېلېنسكىي: «مەن ھەقىقەتەن چۈشىنەلمىدىم. رۇسىيەنى كەمسىتىشمۇ؟! ئۇلار بىزنى سەككىز يىلدىن بۇيان ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە نېمە دەۋاتىمىز؟» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكلىرىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «ھەر قانداق بىر ئۇرۇش سۆھبەت ئۈستىلىدە ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئەمما، تىنچلىق سۆھبىتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن چوقۇم يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دېدى.

زېلېنسكىي غەربتىكى بىر قىسىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ كىيېۋنى قاتناشتۇرماي تۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى تۈزۈشكە ئۇرۇنۇشىنى تەنقىد قىلىپ: «ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن بىز غەربنىڭ قوللىشى ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج. ئۇكرائىناسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ مەيدانىغا قۇلاق سالماي تۇرۇپ، ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئۇرۇش توختىتىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز؟ بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر