ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئاكا – ئۇكا قازا قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچ ناھىيەسىدە ئولتۇراق رايونىغا كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۇكا – ئۇكا قېرىنداش ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1838459
ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئاكا – ئۇكا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تېررورچىلىرى، مۇنبىچ ناھىيەسىنىڭ دادات يېزىسىدا سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىگە قارشى ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىدىكى بەزى نۇقتىلارغا پارتلاتقۇچ ۋە كۆپ ساندا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان.

8 ياشلىق ئۆمەر ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ 10 ياشلىق ئاكىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، ئويۇن ئويناۋاتقاندا تېررورچىلار كۆمۈپ قويغان مىنا پارتلاپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تۈركىيە ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن ۋە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا كۆپ ساندا مىنا ئېنىقلاپ چىقىلىپ، پاچاقلاپ تاشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر