رۇسىيە پايتەخت كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو شەھەرنىڭ دنىپروۋىسكو ۋە دارنىتسكىي رايونىغا رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1837804
رۇسىيە پايتەخت كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كلىچكو تېلېگرامما ھېساباتىدىكى يازمىسىدا، دنىپروۋىسكو ۋە دارنىتسكىي رايونىدىكى ئۇل ئەسلىھەرنىڭ روسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى كلىچكو: «ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ھازىرچە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى. يارىلانغان بىر كىشى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى» دېدى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كىرىش ئېغىزى ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن تاقالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر