پىرېزىدېنت بايدىن 700 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 700 مىليون دوللارلىق يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى.

1836344
پىرېزىدېنت بايدىن 700 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قو بايدىن ئۇكرائىناغا 700 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم پىلانىنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى جەسۇرلارچە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان مۇداپىئە ياردىمىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ۋاقتىدا ۋە مۇھىم ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن يېڭى ھەربىي ياردەم پىلانىنى جاكارلايمەن.»

ئۇ كونگرە تەستىقلىغان ياردەم پىلانى رامكىسىدا، ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان قورال-ياراغ ياردىمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يېڭى ياردەم پىلانى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۆزىنى قوغدىشىغا پايدىلىق بولغان ئىلغار قوراللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا، <خىمارس> (HIMARS) دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىمۇ بار» دېدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئىمزالىغان قارارنامەدە، ئۇكرائىناغا بېرىلگەن ياردەم پىلانىنىڭ 700 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇداپىئە سىياسەتلىرىگە مەسئۇل مەسلىھەتچى كولىن كاخل (Colin Kahl) ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان خىمارس باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ پەقەت مۇداپىئە مەقسىتدىلا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە رۇسىيە زېمىنغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كىيېۋ ھۆكۈمىتىدىن ۋەدە ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي ياردەم پىلانىدا ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە تىك ئۇچارلار بار

مەزكۇر ياردەم پىلانىدا خىمارس باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىدىن باشقا، بەش دانە زەمبىرەك ئاتار، ئىككى دانە ھاۋا كونترول رادارى، 1000 دانە جاۋېلىن تانكا ئاتار، 6 مىڭ دانە تەشكۈچى قورال ۋە 15 مىڭ دانە 15 مىللمېتىرلىق توپ، تۆت دانە «Mi-17» تىك ئۇچار ۋە 15 دانە تاكتىكىلىق ئاپتوموبىل بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر