پاكىستان باش مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

پاكىستان پارلامېنتىدا ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشتا دۆلەتنىڭ 23 – باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغان شاھباز شېرىف، 31 – مايدىن 2 – ئىيۇنغىچە تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1835283
پاكىستان باش مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شېرىفنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالىدۇ ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە كۈتۈۋالىدۇ.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە – پاكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇچرىشىشلار داۋامىدا، تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق رىشتىلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

بۇ دائىرىدە، 2023-يىلى 5 مىليارد دوللار نىشان قىلىنغان تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى نىشان بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلىشىگە قارىتا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شېرىف باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، تېلېفون قىلىپ ئۇنى تەبرىكلىگەنىدى. باش مىنىستىرى شېرىف، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە ئەنقەرەنىڭ ھەمىشە ئىسلامئابادنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر