بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا مەكتەپلەرگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ھەممىنى چۆچۈتتى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى نۇرغۇن مەكتەپلەردە بومبا تەھدىتى بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلگەنكدىن كېيىن ئۇقۇ – ئوقۇتۇش ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1832279
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا مەكتەپلەرگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ھەممىنى چۆچۈتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارايېۋو كانتون ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىرزا خادزىئابدىچ، «ئەتىگەندە سارايېۋودىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بومبا تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى  تاپشۇرۇۋالدۇق. ساقچى دائىرىلىرى مەكتەپلەردە زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق مەكتەپلەرگە بومبا تەھدىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، سارايېۋودىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇ ئوقۇتۇش توختىتىلدى» دېدى.

مىرزا خادزىئابدىچ سارايېۋو كانتون تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى ۋە تەپسىلاتلارغا ئالاقىدار باياناتلارنىڭ تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەتىگەندە كەلگەن ئۇچۇردىن كېيىن بارلىق ئاتا-ئانىلارغۇمۇ مەلۇمات يوللاندى، مەكتەپكە بارغان ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر